ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 11
11
خەلقلەرنىڭ كۆپ خىل تىللارغا بۆلۈنۈشى
1دەسلەپتە يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئادەملەر پەقەت بىرلا تىلدا سۆزلىشەتتى. 2ئۇلار شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، بابىلدىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ جايلاشتى. 3ئۇلار ئۆزئارا:
_ كېسەك قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا موم ئىشلىتىدىغان بولدى.
4ئاندىن ئۇلار:
_ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.
5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى پەسكە چۈشتى. 6پەرۋەردىگار:
_ ئۇلار بىرلىشىپ بىر خەلق بولۇپتۇ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالىغۇدەك. 7شۇڭا پەسكە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسۇن، _ دېدى.
8شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتتى. ئۇلار بىنا قىلىۋاتقان شەھەرمۇ ئىشتىن توختىدى. 9پەرۋەردىگار بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «قالايمىقانچىلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.
سامنىڭ ئەۋلادلىرى
10سامنىڭ ئەۋلادلىرى: توپان بالاسى ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى سامنىڭ ئوغلى ئارپاكشاد تۇغۇلدى. بۇ چاغدا سام 100 ياشتا ئىدى. 11كېيىن ئۇ يەنە 500 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
12ئارپاكشاد 35 يېشىدا ئوغلى شەلاخ تۇغۇلدى. 13كېيىن ئۇ يەنە 403 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
14شەلاخ 30 يېشىدا ئوغلى ئېبەر تۇغۇلدى. 15كېيىن ئۇ يەنە 403 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
16ئېبەر 34 يېشىدا ئوغلى پەلەگ تۇغۇلدى. 17كېيىن ئۇ يەنە 430 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
18پەلەگ 30 يېشىدا ئوغلى رىئۇ تۇغۇلدى. 19كېيىن ئۇ يەنە 209 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
20رىئۇ 32 يېشىدا ئوغلى سىرۇگ تۇغۇلدى. 21كېيىن ئۇ يەنە 207 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
22سىرۇگ 30 يېشىدا ئوغلى ناخور تۇغۇلدى. 23كېيىن ئۇ يەنە 200 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
24ناخور 29 يېشىدا ئوغلى تەراھ تۇغۇلدى. 25كېيىن ئۇ يەنە 119 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
26تەراھ 70 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران قاتارلىق ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.
تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى
27تەراھتىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران تۆرەلدى. ھاراندىن لۇت تۆرەلدى. 28ھاران كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتى ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. 29ئىبرام ساراھقا، ناخور ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە يىسكاھ ئىسىملىك بىر قىزىمۇ بار ئىدى. 30ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.
31تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 32تەراھ 205 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، خاراندا ئالەمدىن ئۆتتى.
अहिले सेलेक्ट गरिएको:
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 11: HZUT
हाइलाइट
शेयर गर्नुहोस्
कपी गर्नुहोस्
तपाईंका हाइलाइटहरू तपाईंका सबै यन्त्रहरूमा सुरक्षित गर्न चाहनुहुन्छ? साइन अप वा साइन इन गर्नुहोस्
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti