لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى يەھۇدىي مىللىتىدىن بولمىغان دوختۇر لۇقادۇر. ئۇ ئۆز كىتابىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھاياتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان.
لۇقا بۇ كىتابتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىسرائىللارغا ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ۋەقەلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
بۇ كىتابتا خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان بەخت، دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھەر خىل ھاجەتمەنلەرگە، بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتلاردا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان ئاياللار، نامراتلار ۋە «گۇناھكارلار»~غا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئەۋەتىلىشى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن.
تېزىس:
1. ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە بالىلىق چاغلىرى (1-، 2-بابلار)
2. ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى (3-بابتىن 4-باب 13-ئايەتكىچە)
3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىكى خىزمىتى (4-باب 14-ئايەتتىن 9-باب 50-ئايەتكىچە)
4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا سەپىرى (9-باب 51-ئايەتتىن 19-باب 27-ئايەتكىچە)
5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمدىكى خىزمىتى (19-باب 28-ئايەتتىن 21-باب 4-ئايەتكىچە)
6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى (21-باب 5 - 38-ئايەتلەر)
7. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە تىرىلىشى (22 - 24-بابلار)
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
Currently Selected:
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش): HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti