YouVersion Logo
Search Icon

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1

1
مۇقەددىمە
1ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى،
سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشكەنىدى. 2ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان. 3مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم. 4بۇنىڭدىن مەقسەت، سىزگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر.
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت
5ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا#5 مەركىزىي ئىبادەتخانا - ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىش توغرا بولاتتى. ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 6ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى. 7ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.
8بىر كۈنى، زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. 9ئۇلار ھەر كۈنى ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرىق سېلىشقا بىر روھانىي تاللاش ئۈچۈن چەك تاشلايتتى. ئۇ كۈنى، چەك زەكەرىياغا چىقتى. 10ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. 11تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زەكەرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى. 12زەكەرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى، 13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا:
- ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. 14ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ. 15ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ. 16ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىللارنى رەببىمىز خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرىدۇ. 17ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، - دېدى.
18- مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى زەكەرىيا پەرىشتىدىن.
19پەرىشتە:
- مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. 20ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. بالا تۇغۇلمىغۇچە، زۇۋانغا كەلمەيسەن، - دەپلا كۆزدىن غايىب بولدى.
21بۇ چاغدا، زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كېچىككەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران بولۇشتى. 22كۆپچىلىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ، گەپ قىلالماي، قوللىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەقسىتىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر غايىبانە ئالامەتنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندى.
23زەكەرىيا ئىبادەتخانىدىكى نۆۋەتچىلىك مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا ئۆيىگە قايتتى. 24دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ، بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقمىدى. 25ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت
26‏-27ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.
28جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
- سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! - دېدى.
29بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى. 30جەبرائىل ئۇنىڭغا:
- ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. 31ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن. 32ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. 33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، - دېدى.
34- مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.
35- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى#35 خۇدانىڭ ئوغلى - بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. دەپ ئاتىلىدۇ. 36تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. 37چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، - دېدى جەبرائىل.
38- مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، - دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.
مەريەمنىڭ ئېلىزابېتنى يوقلىشى
39ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. 40ئۇ يەردە زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابېتقا سالام بەردى. 41‏-42ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
- ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر. 43رەببىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن مېنى يوقلاپ كېلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسمەن. 44سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندە، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ سەكرەپ كەتتى. 45سەن، «خۇدا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، نەقەدەر بەختلىكسەن!
مەريەمنىڭ خۇداغا ئوقۇغان مەدھىيىسى
46مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى:
«قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن رەببىمنى،
47قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى،
48ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى.
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،
49چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى.
مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،
50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.
51كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى
ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.
52تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى،
كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.
53سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا،
قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى.
54قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.
55چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا
˜ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەنŒ دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»
56مەريەم ئېلىزابېتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايدەك تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى
57ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 58خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.
59بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. 60بىراق، ئانىسى:
- ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، - دېدى.
61- بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! - دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ.
62ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى.
63زەكەرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 64دەل شۇ چاغدا، زەكەرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. 65كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى. 66بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى.
زەكەرىيانىڭ قۇتقۇزۇلۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى
67ئاندىن، يەھيانىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:
68«پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن!
چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.
69‏-71ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك،
بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،
خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.#69‏-71 گەرچە بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەيسا تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق زەكەرىيا خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي ئارقىلىق مەريەمنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېغىر ئاياغ ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىدى.
72ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ،
مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.
73‏-75ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا:
˜مەن ئەۋلادلىرىڭنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىمەن،
ۋە ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئۆز ئالدىمدا،
ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن،
دۈشمەنلىرىدىن قورقماي، ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان قىلىمەنŒ دەپ قەسەم بەرگەن.
76ساڭا كەلسەك، ئەي بالام،
سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن.
رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.
77ئۇنىڭ خەلقىگە:
˜گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنىپ قۇتقۇزۇلىسىلەر!Œ دەپ ئۇقتۇرىسەن.
78‏-79چۈنكى، خۇدايىمىز شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر،
ئۇ ئەرشتىن تاڭ شەپىقىنى ئېلىپ كېلەر بىزگە.
ئۇ نۇرىنى چاچار،
قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا،
باشلار بىزلەرنى ئامانلىق يولىغا.»
80يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in