ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:
- كىشىلەرنى گۇناھ سادىر قىلدۇرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق ئادەمنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ جازا ماڭا يېڭىدىن ئىشەنگەنلەرنىڭ بىرىنى ئازدۇرغان كىشىگە بېرىلىدىغان جازادىن ياخشىراق.