1
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:11
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
तुलना
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:13
2
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:11
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ.
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:9
3
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:11
چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ.
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:10
4
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:11
ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي.
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:2
5
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:11
بىزگە گۇناھ قىلغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.»
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:4
6
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:11
كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:3
7
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 34:11
سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار تېنىڭلارنىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ.
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:34
8
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 33:11
- ھېچكىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى كۆرۈنمەس يەرگە ياكى داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئەلۋەتتە.
अन्वेषण गर्नुहोस् لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:33
होम
बाइबल
योजनाहरू
भिडियोहरू