ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4

4
قابىل بىلەن ھابىل
1ئادەم~ئاتا ئايالى ھاۋا~ئانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋا~ئانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا دېھقان بولدى.
3ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. 4ھابىلمۇ قوي پادىسى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان قوزىلاردىن سويۇپ، تازا سېمىز يېرىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلدى. 5بىراق، قابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
6شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار قابىلغا:
- نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! بىراق، يامانلىق قىلساڭ، گۇناھ خۇددى ئىشىك ئالدىدا ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغان ياۋا ئىتقا ئوخشاش، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! - دېدى.
8كېيىن، قابىل ئىنىسى ھابىلغا:
- يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! - دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
9پەرۋەردىگار قابىلدىن:
- ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ - دەپ سورىدى.
- بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
10پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى:
- بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىۋاتقان قېنى ماڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 11سەن ئەمدى لەنەتكە ئۇچرايسەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرالمايسەن! چۈنكى، سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈردۈڭ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. 12سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىسەن، - دەپ ئەيىبلىدى.
13بۇنى ئاڭلىغان قابىل پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
- مەن بۇنداق ئېغىر جازانى كۆتۈرەلمەيمەن. 14سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن. مېنى كۆرگەنلا كىشى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!
15لېكىن، پەرۋەردىگار:
- ياق، سېنى ئۆلتۈرگەن كىشى يەتتە ھەسسە قاتتىق جازالىنىدۇ، - دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار قابىلنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئالاھىدە بەلگە قويۇپ قويدى. 16بۇنىڭ بىلەن، قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى
17قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرنى ئوغلىنىڭ ئىسمىدا ئاتىدى. 18ھانۇختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مېھۇيائىل تۆرەلدى، مېھۇيائىلدىن مېتۇشائىل تۆرەلدى، مېتۇشائىلدىن لامىك تۆرەلدى.
19لامىك ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئادە، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللە ئىدى. 20ئادە يابالنى تۇغدى. يابال كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى بولدى. 21ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. يۇبال چىلتار ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. 22زىللە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. تۇبال-قايىن تۇچ، تۆمۈر جابدۇقلارنى ياسىغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. تۇبال-قايىننىڭ نەئىمە ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. 23لامىك ئىككى ئايالىغا پو ئېتىپ، مۇنداق دېدى:
«ئەي ئادە بىلەن زىللە، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!
ئەي ئاياللىرىم، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!
ماڭا چېقىلغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈم.
مېنى ئۇرغان بىر ياشنى ئۆلتۈردۈم.
24قابىلنى ئۆلتۈرگۈچى يەتتە ھەسسە جازالانسا،
مېنى ئۆلتۈرگۈچى يەتمىش يەتتە ھەسسە جازالىنىدۇ.»
سېت بىلەن ئېنوش
25ئادەم~ئاتا يەنە ئۆز ئايالى بىلەن بىللە بولۇش نەتىجىسىدە، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋا~ئانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دېدى. شۇڭا، ئۇ ئىسمىنى سېت [ئاھاڭ جەھەتتە «خۇدا بەردى»] قويدى. 26سېتتىن بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپ، ئىسمى ئېنوش قويۇلدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.

Одоогоор Сонгогдсон:

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 4: HZUT

Тодруулга

Хуваалцах

Хувилах

None

Тодруулсан зүйлсээ бүх төхөөрөмждөө хадгалмаар байна уу? Бүртгүүлэх эсвэл нэвтэрнэ үү

YouVersion нь таны хэрэглээг хувийн болгохын тулд күүки ашигладаг. Манай вэбсайтыг ашигласнаар та манай Нууцлалын бодлогод заасны дагуу күүки ашиглахыг зөвшөөрч байна