YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 5

5
ئادەم~ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى
1تۆۋەندىكىلەر ئادەم~ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر:
خۇدا ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى. 2ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ئايرىپ، ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلدى ھەمدە ئۇلارنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.
3ئادەم~ئاتا 130 يېشىدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت قويدى. 4ئادەم~ئاتا سېتنى تاپقاندىن كېيىن، يەنە 800 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە كۆپ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 5ئۇ 930 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
6سېت 105 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېنوش قويدى. 7كېيىن، ئۇ يەنە 807 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 8ئۇ 912 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
9ئېنوش 90 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قېنان قويدى. 10كېيىن، ئۇ يەنە 815 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 11ئۇ 905 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
12قېنان 70 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ماھالالىل قويدى. 13كېيىن، ئۇ يەنە 840 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 14ئۇ 910 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
15ماھالالىل 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يارېت قويدى. 16كېيىن، ئۇ يەنە 830 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 17ئۇ 895 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
18يارېت 162 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. 19كېيىن، ئۇ يەنە 800 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 20ئۇ 962 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
21ھانۇخ 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى مەتۇشەلاھ قويدى. 22شۇنىڭدىن كېيىن، ھانۇخ 300 يىل جەريانىدا خۇدا بىلەن يېقىن ياشىدى. ئۇ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 23ئۇ يەر يۈزىدە جەمئىي 365 يىل ياشاپ، 24پۈتۈن ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى، خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.
25مەتۇشەلاھ 187 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمىنى لامىك قويدى. 26كېيىن، ئۇ يەنە 782 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 27ئۇ 969 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
28-29لامىك 182 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئاھاڭ جەھەتتە «يەڭگىللىتىش»] دەپ قويدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يەرگە لەنەت ئوقۇشى بىلەن، بىز جاپالىق ئىشلارغا قالغان. ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللىتىدۇ» دېدى.
30نۇھنى تاپقاندىن كېيىن، لامىك يەنە 595 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 31ئۇ 777 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
32نۇھ 500 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy