YouVersion Logo
Search Icon

پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت ‮(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)‬

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ خەت ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بىرى بولغان پېترۇس تەرىپىدىن يېزىلغان.
مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېگەنلىك ئىدى. شۇڭا، پېترۇس زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئېتىقادچىلارغا تەسەللى بېرىش ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ خەتنى يازغان.
پېترۇس خېتىدە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ھەمدە بۇ تىرىلىش ئېلىپ كېلىدىغان ئۈمىدنىڭ قانچىلىك بىباھا ئىكەنلىكىنى ئېتىقادچىلارغا شەرھلەپ ئۆتكەن. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئېتىقادچىلارغا تەسەللى بەرگەن ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقىغا تەييار تۇرۇشقا چاقىرغان. مۇئەللىپ بۇ خىل سىناقتا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ تاۋلىنىپ، پىشىپ يېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئېتىقادچىلارنى ئېتىقادسىزلار ئارىسىدا خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە لايىق ياشاش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغان.
تېزىس:
1. سالام (1-باب 1-، 2-ئايەتلەر)
2. ھاياتلىق ئۈمىدى (1-باب 3 - 12-ئايەتلەر)
3. پاك ياشاش كېرەك (1-باب 13-ئايەتتىن 2-باب 10-ئايەتكىچە)
4. ئېتىقادچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى (2-باب 11-ئايەتتىن 4-بابقىچە)
5. يېتەكچىلەر ۋە ياشلارغا نەسىھەت (5-باب 1 - 11-ئايەتلەر)
6. ئاخىرقى سالام (5-باب 12 - 14-ئايەتلەر)

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in