- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. ئۇ چاغدا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر.