- تەۋرات ئۇستازلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىشىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!