مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:27-23
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:27-23 HZUT
- ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ - دېدى پىلاتۇس. ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دېيىشتى. پىلاتۇس: - نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ - دەپ سورىدى. بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ تۇرۇۋېلىشتى.