لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:4-12
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:4-12 HZUT
ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ، مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ باققىنا! چۈنكى، تەۋراتتا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ - تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.