چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.