ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كىشىلەر كېلىپ، ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا:
- قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن، - دېيىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرگە قارىماي، ئىبادەتخانا مەسئۇلىغا:
- قورقمىغىن! ئىشەنچىڭ بولسۇن، - دېدى.