1
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:2
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى.
Compare
Explore ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:17
2
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5:2
ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - ئوغلۇم، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى.
Explore ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:5
3
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 27:2
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئىنسان دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى.
Explore ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:27
4
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:2
ئۇلار ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا بارالماي، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقان ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى تېشىپ، بىمارنى ياتقان ئورۇن-كۆرپىسى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى.
Explore ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:4
5
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:2-11
ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، - دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! - دەپ بۇيرۇدى.
Explore ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:10-11
6
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:2
«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس.
Explore ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:9
7
ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:2
ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيىلىشىپ: - بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، - دېيىشتى.
Explore ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:12
Home
Bible
Plans
Videos