شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى ئۆينىڭ خوجايىنىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ، ئۇنى بىلەلمەيسىلەر. شۇڭا، ئۇ تۇيۇقسىز كېلىپ، سىلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا كۆرۈپ قالمىسۇن! سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: ھوشيار بولۇڭلار!