باجغا تاپشۇرىدىغان پۇلۇڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ، - دېدى. ئۇلار بىر دانە كۈمۈش تەڭگە ئەكەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:
- بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دەپ سورىدى.
- رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
- ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.