ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- ئى تەقسىر، ماڭا شاپائەت قىلغايسىز! - دەپ، ئايىغىغا يىقىلدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:
- بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، - دېدى.
ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن:
- شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، - دېدى.