1
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 36:12-37
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق گېپىڭلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىسىلەر. ئۆز سۆزلىرىڭلار بىلەن يا ئاقلىنىسىلەر، يا گۇناھكار بولۇپ چىقىسىلەر.
Compare
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:36-37
2
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 34:12
ئەي زەھەرلىك يىلانلار! سىلەر يامان تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:34
3
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 35:12
ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:35
4
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 31:12
شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس روھقا قىلىنغان كۇپۇرلۇق كەچۈرۈلمەيدۇ.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:31
5
مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 33:12
- سىلەر دەرەخنى مېۋىسىدىن پەرق ئېتىشىڭلار كېرەك. مېۋە دەرىخى ياخشى بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ. مېۋە دەرىخى يامان بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق دەرەخ مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ.
Explore مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:33
Home
Bible
Plans
Videos