ھەتتا ئۆزۈممۇ بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە لايىق ئەمەسمەن. بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ» دەيدۇ، - دېدى.
يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ، بىللە كەلگەن خالايىققا:
- دەرۋەقە، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى ھېچكىمدە كۆرمىگەنىدىم! - دېدى.