1
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6:3
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى ۋە ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.
Compare
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:6
2
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 1:3
يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن: - خۇدا باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىڭلارنى راستتىنلا مەنئى قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:1
3
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 15:3
سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭمۇ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:15
4
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 16:3
كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: - ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭنىڭ تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ، - دېدى.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:16
5
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19:3
باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىرنەرسە يېيەلەيسەن، تاكى ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. توپىدىن يارىتىلدىڭ، شۇڭا يەنە توپىغا قايتىسەن! - دېدى.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:19
6
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 17:3
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىغا: - ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن يېيىشنى مەنئى قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، يەرمۇ لەنىتىمگە ئۇچرىدى. سەن ئەمدى ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلىنىسەن.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:17
7
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 11:3
خۇدا ئۇنىڭدىن: - يالىڭاچلىقىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ - دەپ سورىدى.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:11
8
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:3
ئاندىن، خۇدا ئادەم~ئاتىنى ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخكە يېقىنلاشمىسۇن دەپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە بىسى ئوت چېچىپ، ئۇ يان بۇ يان قوزغىلىپ يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:24
9
ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:3
ئادەم~ئاتا ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى ئىدى.
Explore ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:20
YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy
Home
Bible
Plans
Videos