1
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:11
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
አወዳድር
{{ጥቅስ}} ያስሱ
2
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:11
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ.
3
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:11
چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ.
4
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:11
ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي.
5
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:11
بىزگە گۇناھ قىلغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.»
6
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:11
كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.
7
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 34:11
سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار تېنىڭلارنىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ.
8
لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 33:11
- ھېچكىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى كۆرۈنمەس يەرگە ياكى داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئەلۋەتتە.
ቤት
መጽሐፍ ቅዱስ
እቅዶች
ቪዲዮዎች