1
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:3
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.
አወዳድር
{{ጥቅስ}} ያስሱ
2
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:3
خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى.
3
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:3
ھەزرىتى ئەيسا: - بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! - دېدى.
4
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18:3
ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.
5
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:3
ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ.
6
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 30:3
ئەمدى ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۆسۈشى، مېنىڭ بولسا تۆۋەنلىشى كېرەك.
7
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20:3
كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ.
8
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 36:3
خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.
9
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:3
تۇچتىن ياسالغان يىلان مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۆلدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن لىمدا ئېگىز كۆتۈرۈلگىنىدەك، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشۈم كېرەك.
10
يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 35:3
ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان.
Home
Bible
Plans
Videos